ھاتايدىن شېھت خەۋىرى كەلدى
ھاتايدا يارىدار بولغان 3 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىدىن بىرسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاتاينىڭ ھاسسا ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
ۋالىي مەھكىمىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامانوسلار رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان تېررورلۇق تەشكلاتى ئەزالىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن 11 – مايدا ھەرىكەت باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەرىكەت جەريانىدا چارداق يايلىقى دومۇزدامى رايونىدا بۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەدە، 2 نەپەر ژاندارما ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرى بىلەن 1 نەپەر ئالاھىدە ساقچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا: «يارىدار بولغانلاردىن ژاندارما ھەربىي ئوفېتسىرى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى. قالغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھاياتى دەرىجىدە خەۋپلىك ئەمەس» دېيىلدى.
باياناتتا، ۋەقە ھەققىدە ئەدلىيە ۋە ئىدارىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈردى.