ئەردوغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنى ئۈچۈن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى.

730913
ئەردوغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنى ئۈچۈن خىتايغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ناھايتى كۆپ كۈنتەرتىپ ماددىسى كۈتۈۋاتقان ئەردوغان، 14 – ماي كۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا، 15 – ماي كۈنى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقلىرىدىن سىرت يەنە، 28 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، 250 تىن ئارتۇق مىنىستىرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن 15 – 17 – ماي كۈنلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ، 16 – ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، زىيارەت جەريانىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى ئايرىم – ئايرىم قوبۇل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر