تۈركىيە پاراخوت سېتىپ، ئايروپىلان سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ساھەسىدە 3 كېلىشىم، نىيەت باياناتى ۋە كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.

730353
تۈركىيە پاراخوت سېتىپ، ئايروپىلان سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 13 – نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى يەرمەنكىسىدە تۈركىيە بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

دەسلەپتە مەشق ئايروپىلانى لايىھەسى كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيە پاكىستاندىن 52 ئىلغار مەشق ئايروپىلانى سېتىۋالىدۇ.

نۆۋەتتە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى نامزاتلىرىنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسى بولغان ئۇچۇش مەشقلىرىدە T-41  ۋە SF-260  تىپلىق ئايروپىلانلار ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى ئىلگىرىمۇ پاكىستاننىڭ Aeronautical Complex شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ئورگىنى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى يەرمەنكىسىدە كېلىشىم ئىمزالاندى.

بۇ دائىرىدە سېتىۋېلىنىدىغان 52 ئايروپىلان ئۆمرى ئاخىرلاشقان  T-41  ۋە SF-260  تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى پەن – تېخنىكا، ئىنژېنېرلىق ۋە سودا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا MILGEM لايىھەسى نىيەت باياناتى ئىمزالاندى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتىن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر