تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈركىيەنىڭ تۇنجى «بورا» ناملىق يىراق مۇساپىلىق  باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

730496
تۈركىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىق، يەرلىك ۋە مىللىي قورال – ياراغلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى يەرمەنكىسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «سىنوپتا 280 كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان <بورا> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆزى ياسىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىمىز.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، روكەتسان شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئايلانمىسى 610 مىللىمېتىر، ئغىرلىقى 2500 كىلوگرام، ئۇرۇش بېشى 450 كىلوگرام ئىكەن.

سىستېمىسى «ئات ۋە يىراقلاش» تاكتىكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلاللايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر