تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا قانۇن ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فارىس كاراك رىياسەتچىلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى ئامېرىكىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

729253
تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولغان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەيئىتى، ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

مىنىستىرلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا قانۇن ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فارىس كاراك رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەتنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى سۆھبەت يىغىنى 4 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان. يىغىنغا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىلاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىدىن 3 تەپتىش ئەمەلدارىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇش مۇساپىسىگە ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىندى ۋە تۈركىيە تەرەپ ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارغا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر