ئەردوغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ياشلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پىكىر ئەركىنلىكىگە باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى شەرتى بىلەن ھەر دائىم ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

727511
ئەردوغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ياشلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل مېرىدىيان خەلقئارا ئوچۇق مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ياشلارغا ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى، بۇ دائىرىدە بەزى كىتابلارنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

مەلۇماتىنى نۇتۇق ۋە ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ئارقىلىق نامايان قىلالمىغان بىر ياشنىڭ نىشانلىرىغا يېتىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنازىرە قىلىشنىڭ گەپدانلىق قىلىش ئەمەس، ئىلىمدىن پائال پايدىلىنىش سەنئىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىستانبۇل ئىمام – خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە مۇنازىرىلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەكتىپىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئۇدا ئىككى يىل 57 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىشتىراك قىلغان ئىستانبۇل مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەردائىم پىكىر ئەركىنلىكى تەرەپدارى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، «پىكىرلەر ئەركىن – ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بەس – مۇنازىرە قىلىنمىغان جايدا، زوراۋانلىق ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. شۇڭا بىز پىكىر ئەركىنلىكىنى، باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھەقلەرگە ھۆرمەت قىلىشى شەرتى بىلەن، ئاداققىچە ھىمايە قىلدۇق، قوللىدۇق. يېقىنقى 14 يىلدا كومپيۇتېر تاختىلىرى، لوگولار، ھەرپلەر، سۆزلەرگە قويۇلغان كۆپلىگەن چەكلىمىلەرنى بىز ئەمەلدىن قالدۇردۇق. ئون يىللاردىن بۇيان يېزىق ۋە پىكىرىي ھاياتىمىزغا ھۆكۈمران بولۇۋاتقان بىر تەرەپلىمىچى، كونىلىقنى ياقلىغۇچى تونۇشنىڭ ئورنىغا خىلمۇخىللىققا بايلىقىمىز، دەپ قارايدىغان، پىكىرنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدىغان بىر دۇنيا قاراشنى دەسسەتتۇق» دېدى.

«بىزگە قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلىدىغان نادان ياشلار ئەمەس، نېمىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىنى، نېمىنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىنىڭ كۈرىشىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەر تۈرلۈك قابىلىيەتكە ئىگە ياشلار لازىم» دېگەن ئەردوغان سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى كېچىسى، مانا مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە ياشلار، نۆۋىتى كەلگەندە دۆلىتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن، مۇستەقىللىقى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىككىلەنمەستىن جېنىنىمۇ پىدا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، «بۇ دۆلەتنىڭ ئۆتكەن 20 – 30 يىللىق ئىنسانىي بىرىكمىسىگە كۆز سالغانلارنىڭ ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن قاتلامغا قاراپ، ئۆزلىرىنى دىۋىدەك ھېس قىلغان چېغى... مىللىتىمىز 15 – ئىيۇلدىكى پوزىتسىيەسى ئارقىلىق بۇلارغا دىۋە ئەمەس، گويا بىر كۇمۇتا ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر