پ ك ك غا بىرلا قېتىمدا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بەيتۈششەباب ۋە سىلۋاندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۇۋىلىرىنى ۋە قورال ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلدى.

727954
پ ك ك غا بىرلا قېتىمدا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىرناقتىكى بەيتۈششەباب ناھىيەسى ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى باشلىغان «شېھىت ژاندارما مىڭبېشى ئەھمەت قاھرامان-2» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت 19 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىدى. ئىنجەبەل تاغلىرىدىن كاتوغا قەدەر سوزۇلغان رايوندا تېررورىستلار پاناھلىنىشتا ئىشلىتىۋاتقان 25 غار بايقىلىپ، نۇرغۇنلىغان ھەربىي لازىمەتلىكلەر قولغا چۈشۈرۈلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 444 كالاشنىكوف،46 دانە g-3، 15 دانە BİXİ ۋە ئىككى دانە MG3 تىپلىق مىلتىق، ئىككى دانە ئايروپىلان ئاتار، بەش دانە بومبا ئاتار، 10 دانە راكېتامىيوت، بىر دانە مەرگەنلەر مىلتىقى، 130 مىڭدىن ئارتۇق ھەر خىل مىلتىق ئوقلىرى، 7 مىڭ 330 دانە پىلىمۇت ئوقى، 1000 دانە ئايروپىلان ئاتار ئوقى، 259 دانە مېنامىيوت ئوقى، ئىككى داانە راكېتامىيوت ئوقى، 359 قول بومبىسى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھەربىي قورال-ياراغلار قولغا چۈشۈرۈلگەن. قولغا چۈشۈرۈلگەن لازىمەتلىكلەر ئارىسىدا يەنە، نۇرغۇن كومپىيۇتېر، فوتوگراف ئاپپاراتلىرى، كېچىدە كۆرۈش دۇربۇنلىرى، سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، رادىيو، تېلېۋىزور ۋە كومپىيۇتېر قاتتىق دىسكىسى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قانچە توننا يېمەك-ئىچمەك، بىر قانچە مىڭ قۇر كىيىم-كېچەك ۋە نۇرغۇنلىغان ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

دىيارباكىرنىڭ سىلۋان ناھىيەسىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەرىكەتتە يەرگە مەخپىي كۆمۈپ قويۇلغان بىر دانە ئېغىر تىپلىق پىلىمۇت، بىر دانە مەرگەنلەر مىلتىقى، تۆت دانە پىيادىلەر مىلتىقى ۋە نۇرغۇن ئوق-دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

سىلۋاندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر