ئاقار ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى دۇنفورد بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

727117
ئاقار ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى دۇنفورد بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بېرىلگەن باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا بارغان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى باش ئەلچى ئىبراھىم قالىندىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفورد باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش شۇنداقلا سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر