بوزداغ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەتتى

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە بۈگۈن (يەكشەنبە) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەتتى.

727247
بوزداغ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە بۈگۈن (يەكشەنبە) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەتتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ئەتە (8- ماي) شۇ جاي ۋاقتى 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسىئونس بىلەن ۋاشىنگتوندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. سۆھبەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئامېرىكىغا يوللانغان 4 ئايرىم قايتۇرۇپ بېرىش ماتېرىيالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان مىنىستىر بوزداغ، مەزكۇر ماتېرىياللارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر دائىرىسىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىمۇ ئورتاقلىشىدۇ.

15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ باش تېررورچى گۈلەننىڭ بۇيرۇق ۋە قوماندانلىقى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بوزداغ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا 2016 – يىلى 10 – سېنتەبىردە ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ.

مىنىستىر بوزداغ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى كۆپلىگەن تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن دەلىل – ئىسپات ۋە ئىقرارنامىلەرنىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىسياننىڭ ئارقىسىدا گۈلەننىڭ بارلىقىنى دەلىللەيدىغان يېڭى پاكىتلارنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا بوزداغنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىنايى جاۋابكارلارنى قايتۇرۇش كېلىشىمىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، باش تېررورچى گۈلەننىڭ ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقى، تۈركىيە تەرىپىدىن يوللانغان ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش ماتېرىيالىنىڭ كېرەكلىك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشى ئۈچۈن، سوت مەھكمىلىرىگە يوللىنىشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، بوزداغ ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 9 – ماي سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر