تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئورۇنغان ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

726385
تۈركىيە گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن ئىسيانچى ئەسكەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ئادىل ۋە تەرەپسىز بولۇشى ئۈمىد قىلىنىۋاتقان گىرېتسىيە ئەدلىيەسى تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىزنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، جۈملىدىن ئاساسىي قانۇنىمىزغا قارشى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقان 8 ئىسيانچى ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىمىزنى ئىككىنچى قېتىم رەت قىلدى.»

باياناتتا يەنە، DHKP-C  ۋە پ ك ك نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرغىچە تۈركىيەگە خىرىس قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئەسلىدە تېررورىزمغا ۋە جىنايەتكە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىتتىپاقدىشىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىمىز ۋە ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك ئىدى، ئەمما گىرېتسىيە بۇنداق قىلمايۋاتىدۇ. گىرېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارى جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ سوتلانماسلىقى، جىنايەتنىڭ جازاسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ھەربىي ئىسيانچىلارنى قانات ئاستىغا ئالماقتا. جىنايەتچىلەرنىڭ ئەدلىيەنىڭ سىرتىدا تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان بۇ قارارنىڭ سىياسىي مەقسەتلەردە چىقىرىلغانلىقى بەش قولدەك ئايان. بۇ قارار ھەربىي ئىسيانچىلارنى باغرىغا بېسىۋاتقان گىرېتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ھەمدە رايونلۇق مەسىلىلەردىكى ئورتاق پائالىيەتلىرىمىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر