خەلقئارا قانۇن ۋە 1915 – يىل ۋەقەلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «خەلقئارا قانۇن ۋە 1915 – يىل ۋەقەلىرى» ناملىق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

725879
خەلقئارا قانۇن ۋە 1915 – يىل ۋەقەلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئاساسەن ھەر يىلى دېگۈدەك ئاپرېل ئېيىدا دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ھەر خىل تارقىتىشلار بېرىلىپ، باياناتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلە بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «خەلقئارا قانۇن ۋە 1915 – يىل ۋەقەلىرى» ناملىق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

ئاساسەن ھەر يىلى دېگۈدەك ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە ئوخشاش سەھنىلەرنى كۆرۈپ كەلمەكتىمىز؛ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، تەشكىلات ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل تارقىتىشلار بېرىلىپ، باياناتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. ئەرمەنلەر ياكى ئەرمەنلەرنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى تارىخ كۆزنىكىگە مەنسۇپ بۇ ۋەقەلەرگە قىرغىنچىلىق، دەپ قارايدۇ.  تۈركلەر ياكى تۈركىيەنىڭ قاراشلىرىنى توغرا، دەپ قارايدىغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى بولسا، مەسىلىگە تارىخ پەنجىرىسىدىن قارايدۇ ۋە كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ قىرغىنچىلىق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يىللار مۇقەددەم يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىي كۆزنەك مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بىراق، «قىرغىنچىلىق» ئۇقۇمى خەلقئارا قانۇن ساھەسىگە مەنسۇپ بىر ئۇقۇم. شۇڭا، تارىخ كۆزنىكىدىنلا قارايدىغانلار ياكى سىياسەتچىلەرنىڭ مۇلاھىزىسى بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلىشتا بەزى تەرەپلەرنىڭ يېتەرسىز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغانلار، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسەن، ھەر خىل مىقداردىكى ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان ۋەقەلەرگە قىرغىنچىلىق، دەپ باھا بېرىدۇ. ھالبۇكى، قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلىكىنى خەلقئارا قانۇنلا بېكىتەلەيدۇ. قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار تۇنجى مۇھىم بەلگىلىمە، ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1948 – يىلى ئېلان قىلغان «قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە (سادىر قىلغۇچىلارنى) جازالاش ئەھدىنامىسى» تېمىلىق 260 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدۇر.

ئەرمەنلەر، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنلىرىدا ئالدى بىلەن ئاپتونومىيە، ئارقىدىن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي ۋە قوراللىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. دېمەك، ئۇلار بىر سىياسىي گۇرۇپپا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئالاقىدار ئەھدىنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن 4 گۇرۇپپا قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھدىنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يوقىتىپ تاشلاش غەرىزىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئىرادىسى ياكى بايانى يوق. يوقىتىپ تاشلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى دەلىللەيدىغان يازما ياكى ئېغزاكى پاكىتلارنىڭ بولۇشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، مەۋجۇت پۈتكۈل دەلىل – پاكىتلار ئەرمەنلەرنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ۋە ئەركىن – ئازادە ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ سانى، قىرغىنچىلىق قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن تولىمۇ يىراق. ئۆلگەن ئەرمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىنىڭ سىرتىدىكى سەۋەبلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقى مەلۇملۇق. مەزكۇر سەۋەبلەر تۈپەيلى رايوندا ئۆلۈپ كەتكەن تۈرك پۇقرالارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ئەھدىنامىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىغا ئاساسەن، نە بىۋاسىتە نە ۋاسىتىلىك ھالدا قىرغىنچىلىق ئەمەس.

بۇنداق ئەھۋالدا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن قىرغىنچىلىق ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقلا، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى (ئارقىسىدىكى ھەربىي سەۋەبلەرمۇ نەزەرگە ئېلىنغىنىدا) قانۇنىي جەھەتتىن «ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت» كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئەسناسىدا رىم سالاھىيىتى كېلىشىمىنىڭ يەتتىنچى ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن شەرتلەر ھازىرلانمىدى. يەنى، دۆلەتنىڭ ئەرمەن نوپۇسىغا قارشى پىلانلىق ھالدا «ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلىپ» ئىنسانىيەت ئالدىدا جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنى ئەرمەنلەرنىڭ كۈچ ئىشلىتىپ يەر – ماكانلىرىدىن قوغلىنىشىنى نىشان قىلمىدى. ئەرمەنلەر دىنى ياكى باشقا بىر سەۋەبتىن قىرغىن قىلىنمىدى. كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەربىي خەۋپسىزلىك نەزەردە تۇتۇلۇپ تەتبىقلاندى. بۇنىڭ سىرتىدا، ئەرمەنلەرنىڭ ئىشغالچى رۇس ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ (بالقان ئۇرۇشلىرىدىكىگە ئوخشاش) تۈرك – مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلغانىدى.

رايوندىكى بەزى باندىتلارنىڭ ئۇرۇش شارائىتىدا ئوتتۇرىغا چىققان قىسمەن ھاكىمىيەت بوشلۇقىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلىمىز. رايوندىكى باندىتلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆچۈش باسقۇچىدىكى ئەرمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈردى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى بولان – تالان قىلدى. ئۈچ فىرونتتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئوسمان ئىمپېرىيەسى قولىدىكى چەكلىك قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بەزىدە ئەرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پائال شەكىلدە قوغدىيالمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشاش مۇھىت، جۇغراپىيەدىكى ئاشلىق ۋە دورا يېتەرسىزلىكى بىلەن ھەر خىل كېسەللىكلەر  سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلارنغان پۇقرا تۈركلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئەرمەنلەردىن كۆپ بولۇشىمۇ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنىڭ ۋاسىتىلىك يول بىلەن يوقىتىپ تاشلاشنى نىشان قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە ھۇجۇمچىلارغا غەزەبلەنگەنلىكىمۇ مەلۇم. دەرۋەقە، جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار ئۇرۇش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ سوتلىنىپ، كۆپىنچىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

دەۋرىمىزگە كەلگەندە، بۇ مەسىلە بىر تارىخىي ۋە قانۇنىي ۋەقە بولۇشتىنمۇ بەكرەك سىياسىي بىر ھادىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. نۆۋەتتە خەلقئارا سىياسەتتە تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقان، تۈركىيەگە رەقىب دېگەن كۆز بىلەن قارايدىغان شۇنداقلا تۈركىيە يۈرگۈزۈۋاتقان تاشقى سىياسەتنى ئۆزى ئۈچۈن خەۋپ، دەپ قاراۋاتقان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى تۈركىيەگە قارشى كوزىر قىلىپ ئوينىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھەر يىلى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى تۈپ سەۋەب مانا بۇدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر