تۈركىيە ئېكسپورتىدا ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت رەقەملىرى ئاپرېل ئېيىدا % 4، دەسلەپكى 4 ئايدا % 6.7 ئاشتى.

724446
تۈركىيە ئېكسپورتىدا ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرى 2017 – يىلى ياخشى باشلاندى. تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئېكسپورت رەقەملىرى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 4 لىك ئېشىش بىلەن 11 مىليارد 866 مىليون دوللارغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى % 6.7 كە يەتكەن، 12 ئايلىق ئېكسپورت رەقەملىرى بولسا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 4 ئاشقان.

گەرچە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورت رەقەملىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشقان بولسىمۇ، ئەمما خىمىيە ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى ساھەسىدىمۇ ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىدا گېرمانىيە بىرىنچى رەتكە تىزىلغان، ئەمما ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلىنغان ئېكسپورت مىقدارىكى يۈكسىلىش كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاقناتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر