قۇرتۇلمۇش ئىچكى كابىنېتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر ھەققىدە توختالدى
نۇمان قۇرتۇلمۇش، 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دەسلەپ قېتىملىق ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 16 – ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دەسلەپ قېتىملىق ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئىچكى كابىنېتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. ئۇ، «سىياسەت تەقەززا قىلغان ئەھۋالدا، ئىچكى كابىنېتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە بۇنداق بىر ئۆزگەرتىش كۈنتەرتىپتە يوق» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن بىرلىكتە، يېڭى بىر مۇساپىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
21 – مايدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى چوڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ئۈچۈن، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، «21 – مايدا ئىنشائاللاھ جۇمھۇر رەئىسىمىز پارتىيەنىڭ باشلىقى بولىدۇ ۋە ئۇ مۇساپىگە ئالاقىدار قەدەملەر تاشلىنىدۇ» دېدى.
ياۋروپالىق سىياسەچىلەرنىڭ 16– ئاپرېل ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىنكى ئىنكاسلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، «ياۋروپا سىياسىتىنىڭ ئىچىدىكى كۆچمەنلەرگە ۋە چەت ئەللىككە قارشى ئىرقچىلىقنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالغان سىياسەتنى بۇ جەھەتتە ھوشيار بولۇشقا چاقىردۇق. دېموكراتىيەنىڭ تەقەززاسى ھەممىنىڭ بۇنىڭغا (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە) ھۆرمەت قىلىشىدۇر. بىز ياۋروپادىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ دېموكراتىك قارارغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىجابىي باھا بەرمەكتىمىز» دېدى.
سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇيرۇقچىسى ي پ گ تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن فوتو – سۈرەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى رايوننىڭ بىردىنبىر مۇقىملىق ئامىلى ھېسابلىنىدىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دوستلىرىنىڭ تۈركىيەگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ياخشى باھا بەرمەيدۇ. بۇنى ئوچۇق – ئاشكارا ئىپادىلەۋاتىمىز. بىز بۇ يەردە ئارقىلىق ش ۋە رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك شېرىكچىلىك ئورنىتىپ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىش يولىدا سەمىمىي خىزمەت قىلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.