ئەردوغانغا ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھىندىستاندىكى داڭلىق جامىيا مىللىيا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

723397
ئەردوغانغا ھىندىستاندىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چۈشكەن تاج پەلس نىيۇ دېلھى (Taj Palace New Delhi) مېھمانسارىيىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ھىندىستان سودا-سانائەتچىلىرى بىلەن يىغىن ئېچىلدى. يىغىنغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى ۋە قاتناش مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان قاتارلىقلار قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سودا-سانائەتچىلەر يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيە-ھىندىستان سودا مۇنبىرىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «بىز ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى بېسىشقا قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.

ئۇ بۈگۈن (1-ماي) ھىندىستان باش مىنىستىرى نارەندرا مودى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا جامىيا مىللىيا ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر