ئەردوغان 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1 – ماي ئەمگەكچىلەر ۋە ھەمكارلىق بايرىمىنىڭ تىنچلىق ۋە قېرىنداشلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

723101
ئەردوغان 1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 1 – ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ زورىيىشى، ئىلگىرىلىشى ۋە نىشانلىرىغا يېتىشىگە ئەمگەك ۋە ماڭلاي تەرى بىلەن مۇھىم ھەسسە قوشقان ئىشچى ۋە ئەمگەكچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 1 – ماي ئەمگەكچىلەر ۋە ھەمكارلىق بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

1 – ماينىڭ دۇنيادا بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە ناھەقچىلىكلەرگە قارشى كۈرەش كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ بايرامنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ۋە ھەل قىلىش يوللىرىغا چىراغ يېقىشىغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەمگەكنى، ماڭلاي تەرىنى ۋە ھالال رىزىقنى ئۇلۇغلايدىغان، ئىشلەپچىقىرىشتا ۋە تەقسىماتتا ئادىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پىكىرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ بەختىيار ۋە باياشات كېلەچىكى ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئېلىشى ئۈچۈن، خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، لايىق بولغان تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز، دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر