تۈركىيە يارىدار پەشمەرگەلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سىنجاردىكى PKK تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يارىلانغان پەشمەرگەلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ياردە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

721463
تۈركىيە يارىدار پەشمەرگەلەرنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنجار تېغىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش ھاۋا ھەرىكىتىدە يارىلانغان پەشمەرگە (كورد ئەسكەر) لەرنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەربىل دائىرىلىرىگە يەتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ ئەربىلدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مەھمەت ئاكىف ئىنام، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پەشمەرگىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر كەرىم سىنجارى بىلەن بۇ ھەقتە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، «پەشمەرگە مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولۇپ، قايغۇرغانلىقىمىزنى ۋە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى ئىزھار قىلدۇق. يەنە، يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتتۇق» دېدى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 25 – ئاپرېل كېچىسى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق سىنجاردىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان جايدىكى 5 پەشمەرگە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 ى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر