تۈركىيە چېخىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، چېخىيە (چېخ) جۇمھۇرىيىتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 25 – ئاپرېلدا قوبۇل قىلغان «1915 – يىل ۋەقەلىرى» گە ئالاقىدار «قىرغىنچىلىق» قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە رەت قىلدى.

721261
تۈركىيە چېخىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چېخىيە پىرېزىدېنتى مىلوس زېماننىڭ «1915 – يىل ۋەقەلىرى» توغرىسىدا دۆلىتىدىكى ئەرمەنلەرنىڭ دەۋالىرىنى چىقىش قىلىپ يازغان ئېغىر تۇترۇقسىزلىقلار بىلەن مەكتۇپىنىڭمۇ ئەپسۇسلىنىش پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «پىرېزىدېنت زېمان مەكتۇپىدا، بىر تەرەپتىن تارىخنىڭ سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن ئىزاھلانماسلىقى كېرەكلىكىنى، سىياسەتچىلەرنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتمۈشنىڭ ئالدى بىلەن تارىخچىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئىزاھلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز سۆزلىرىگە زىت ھالدا، 1915 – يىلى ۋەقەلىرى توغرىسىدا سىياسىي مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا زىت بولغان مەزكۇر سىياسىي ھەرىكەتكە قارشى نارازىلىق» نىڭ چېخىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر