سومالى پىرېزىدېنتى ئەردوغان تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فەرماجۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

721311
سومالى پىرېزىدېنتى ئەردوغان تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىلەن فەرماجۇ مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سومالى خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئەنقەرە ۋە تۈركىيە خەلقىنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە تۇنجى قېتىم 2011 – يىلى زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان سومالىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان بىر دۆلەتتىن مۇقىم ھالەتتە ئالغان ئىلگىرىلەيدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافرىقىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدىغان 14 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تەرەققىي تاپقان نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سومالى دۇچ كېلىۋاتقان ئاچارچىلىق ئالدىدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. باشقىلار يوقسۇللۇق ۋە ئاچارچىلىققا قارشى تىركىشىۋاتقان مەزلۇملارنى كۆرمەسكە سالسىمۇ، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.  ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، بالىلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بىر دۇنيادا ھۇزۇر، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىڭ بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

مارت ئېيىدا  «مەزلۇم ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدى بولۇڭ» سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدا قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ رايونلاردا قويۇق ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەسلەپكى قەدەمدە يېمەك – ئىچمەك، دورا قاتارلىق ئېھتىياجلىق بۇيۇملاردىن تەشكىل تاپقان 15 مىڭ توننىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى رامىزان ئېيىدا سومالىدىكى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، خۇسۇسىي كارخانىلارنىمۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىزنىڭمۇ سومالىغا ياردەم بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

سومالى پىرېزىدېنتى فەرماجۇ تۈركىيەنىڭ سومالىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتتى ھەمدە تۈركىيەنىڭ سومالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇزاق مەزگىللىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ قايتىدىن قەددىنى رۇسلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سومالى بۇ ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ تۈرتكىسىدە داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن سومالى پىرېزىدېنتىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر