ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا باش مىنىستىرنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى.

720530
ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا باش مىنىستىرنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەنقەرە بەشتەپەگە جايلاشقان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشى «ھەپتىلىك ئالاھىدە كۆرۈشۈش» دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشتى.

ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمدىن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەمدە بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر