سىنجار ۋە كاراكوچتىكى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

ھاۋا ھۇجۇمىدا سىنجار تېغى رايونىدا 40، كاراكوچتا 30 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

720596
سىنجار ۋە كاراكوچتىكى تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كاراكوچ تاغلىرىغا ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 70 كە يىقىن تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

سىنجار ۋە كاراكوچ تاغلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا تېررورچىلارنىڭ نۇقتىلىق نىشانلىرى تۇلۇق بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سىنجار تېغى رايونىدا 40، كاراكوچتا 30 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن ساندا پاناھجايلار، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە ئۇرۇش ئىستىھكاملىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

ئىستىخبارات مەنبەلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئېغىر زەربە يېگەنلىكى ۋە پىسخىئولوگىيەلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.  

يەنە بىر تەرەپتىن شىرناق ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەردە، بىر غاردا بايقالغان ۋە ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.

ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورچىلار تۇرىۋاتقان غار تۇلۇق پاچاقلاپ تاشلاندى. پ ك ك تېررورچىلىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مېتىنا رايونىدا 22 – ئاپرىلدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۇتۇش تىزىملىكىدە، يەنى  «كەلرەڭ» تىزىملىكتە ئورۇن ئالغان تېررورچى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر