خاتايغا توپ ئوقى چۈشتى

خاتاي ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرى ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

720938
خاتايغا توپ ئوقى چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاينىڭ يايلاتېغى ناھىيەسىدىكى بىر چېگرا پونكىتىغا يېقىن جايغا سۈرىيەدىن ئېتىلغان توپ ئوقى چۈشتى.

ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونىروللۇقىدىكى جايدىن ئېتىلغانلىقى تەخمىن قىلىنغان توپ ئوقىنىڭ قىزىلچات ساقچى پونكىتىغا يېقىن قۇرۇق يەرگە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر