تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئارام بەرمىدى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنجار رايونى بىلەن سۈرىيەنىڭ كاراكوچاك تاغلىق رايونىدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنى تۇنجى قېتىم بومباردىمان قىلدى.

719711
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئارام بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ مەسئۇللىرى 25-ئاپرېل كىرگەن دەسلەپكى سائەتلەردە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەتتە بېكىتىلگەن نۇقتىلار پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى بايقالغان. بۇ رايونلاردىن تۈركىيەگە مەخپىي كىرگۈزۈلگەن تېررورىستلار، قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەشيالار چېگرا قوغداش پونكىتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا قوللىنىلغان. يېقىنقى كۈنلەردە دىيارباكىردا «تونېل قېزىش» ئارقىلىق پەيدا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىمۇ مەزكۇر رايوننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر