باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختالدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  Bloomberg تېلۋىزىيە قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختالدى.

719742
باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  ھۆكۈمەت كابېنت ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى كېلەر ئايلاردا كېڭەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم   باش مىنسىتىرلىق چانكايا سارىيىدا Bloomberg تېلۋىزىيە قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بىنالى يىلدىرىم قەرەللىك ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت كابېنت ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ دېموكراتىيەنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «يېقىن كەلگۈسىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىمىز.»

 ئالاھىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن تەقدىردە، سايلاملارنىڭ 2019-يىلى 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بىنالى يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەقەززا قىلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋال يوق، بىز پۈتكۈل دىققەت-ئېتىبارىمىزنى لايىھەلەرگە، ئىقتىسادقا، كېلەچەككە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات خىزمەتلىرىگە ۋاقىت ئاجرىتىش كېرەك.»

بايلىق فوندى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىنالى يىلدىرىم بايلىق فوندىنىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىيە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان ساھەلەرنى قوللاش ، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئىلكىدىكى بايلىقلاردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بايلىق فوندى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركىيەنىڭ سېلىنمىلار بولۇپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان پۇل-مۇئامىلە ساھەلىرىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازايتىش، تۈركىيەگە قوشۇمچە قىممەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋە پۇرسەتلەر يارىتىدىغان بارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى كۆزلەيدىغان قۇرۇلمىدۇر.»

2017-يىلى ئىقتىسادتا%4.4 زورىيىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇ نىشانغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان بىنالى يىلدىرىم، تېخىمۇ كۆپ بىۋاستە چەت ئەل سېلىنملىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ شارائىت يارىتىش ۋە بۇ جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يوقىتىش، شۇنداقلا خىزمەت ساھەسىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بىنالى يىلدىرىم، ھەم خىزمەتچىلەرنى ھەمدە كارخانىچىلارنى خوشال  قىلىش ئۈچۈن سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىلىرىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بىنالى يىلدىرىم مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «تۈركىيە بۇ يىل ۋە كېلەچەكتە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدۇ، ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە بۇ ساھەگە 100 مىليارد تۈرك لىراسى مەبلەغ سېلىنىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مەسىلىسىگە سەممىي مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان يىلدىرىم سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئالدى بىلەن ئۇلار كەلگۈسىدىكى نىشانىنى بېكىتسۇن، تۈركىيە بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغۇسى، بۇنى ئوچۇق دېيىشى لازىم، ئۇلار قانداق قارار  قىلىدۇ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قارارىغا قاراپ باقايلى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ يولىمىزنى تاللايلى.»

ياۋروپادىن پات-پات ياۋروپا قىممەت ئۆلچەملىرى دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ئىككى گېپىدىن بىرى ياۋروپا قىممەت ئۆلچەملىرى، ياۋروپا قىممەت ئۆلچەملىرىنى سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ۋەيران قىلدىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئىگە چىقالمىدىڭلار، بۇ قېتىمقى رېفېراندۇمدا بۇنى تولۇق كۆرۈپ يەتتۇق.»

ياۋروپاغا تاللاش يولى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەھۋالدا ئەمەسلىكلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «نۆۋەتتە بىزنىڭ سالاھىيىتىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنداپ ئورۇندىمايدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، بىز بۇنىڭغا قارايمىز.»

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىنالى يىلدىرىم: «ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ بۇرۇنقى دەۋىرلەردە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر