تۈركىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

715823
تۈركىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونمۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، جۇمھۇر رەئسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى مىنىستىر رايونلۇق ھەمكارلىق ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىمۇ مۇھاكىمە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر