«تۈركىيە دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

715524
«تۈركىيە دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدۇ»

ئەردوغان غەرب دۇنياسىنى تېررورىزمنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى ھەمدە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى دۈشمەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېلان قىلىشتىن قىلچە ئايانمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلەت چېگراسىغا يېقىن جايدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە ئەسلا يول قويمايدۇ، رايوندا غەرب دۆلەتلىرى خۇددى ياللانما ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش ئىشلىتىۋاتقان تېررورىستلارنى ئىشقا سېلىپ تۈركىيەنى تىز پۈكتۈرىدۇ دەپ خام خىيال قىلىۋاتقانلار خاتالىشىۋاتقانلىقلىرىنى پات يېقىندا كۆرىدۇ.»

ئۇ يەنە، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاخىرقى ئەمەس، تۇنجى ھەربىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر