رېفېراندۇمدىن قوللاش ئاۋازى يۇقىرى چىقتى

16-ئاپرېلدىكى رېفېرامدۇمدا، 55 مىليوندىن ئارتۇق بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ %51.4 نىڭ قوللاپ، %48.6 نىڭ رەت ئاۋازى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

714224
رېفېراندۇمدىن قوللاش ئاۋازى يۇقىرى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، تاشلانغان بېلەتلەرنىڭ %51.4 ى قوللاش، %48.6 ى رەت ئاۋازى چىققان. 55 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى بار مەملىكەت مىقياسىدا، رېفېراندۇمغا قاتنىشىش نىسبىتى %85.5 بولغان. ئەڭ يۇقىرى قوللاش ئاۋازى بايبۇرت ۋىلايىتىدە، ئەڭ يۇقىرى رەت ئاۋازى تۇنجەلى ۋىلايىتىدە چىققان. ھەر ئىككى ۋىلايەتتە رېفېراندۇمنى قوللىغانلار بىلەن رەت قىلغانلارنىڭ ئاۋاز نىسبىتى %80 دىن ئاشقان.

چەت دۆلەتلەردە 3 مىليونغا يېقىن تىزىمغا ئېلىنغان بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ %44 ى رېفېراندۇمغا قاتناشقان. غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، چەت دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلارنىڭ %59 ى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ باشلىقى سادى گۈەن رېفېراندۇم توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 16-ئاپرېل سائەت 23:00 بىلەن جەمئىي قوللاش ئاۋازىنىڭ 24 مىليون 763 مىڭ 516، جەمئىي رەت ئاۋازىنىڭ 23 مىليون 511 مىڭ 155 بولغانلىقىنى؛ نەتىجىدە رېفېراندۇمدا قوللاش ئاۋازى چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئېنىق نەتىجىنىڭ ئەرز-شىكايەت باسقۇچلىرى ئاخىرلاشقاندا، ئەڭ كېچىككەندە 12 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ ئاۋاز ساندۇقى كېڭىشىنىڭ تامغىسى بولمىغان سايلام تامغىسى ۋە لىپاپلارنىڭ سىرتتىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئىسپاتلانمىغىچە كۈچكە ئىگە دەپ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ ئاۋاز ساندۇقى كېڭىشى تەرىپىدىن تامغا بېسىلمىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پارتىيە ئەزالىرى تەرىپىدىن مۆھۈرلەنمىگەن سايلام تامغىسى ۋە لىپاپلارنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئاۋاز تاشلىغۇچىغا مۆھۈرلەنمىگەن ھالدا بېرىلگەن سايلام تامغىلىرىنىڭ، ئەمەلدىن قالدۇرغىدەك ساندا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شۇڭا، بۇ ئاۋاز تامغىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنى قارار قىلدۇق. سايلام كېڭىشى بۇ قارارنى سايلام نەتىجىلىرى ھېسابلىنىشتىن بۇرۇن ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر