بىنالى يىلدىرىم پارتىيە بىناسىنىڭ بالكونىدا خەلققە خىتاب قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەرنىڭ رېفېراندۇمدا قوللاش ئاۋازىنىڭ چىققانلىقىنى كۆرستىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.

713995
بىنالى يىلدىرىم پارتىيە بىناسىنىڭ بالكونىدا خەلققە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رېفېرادۇمنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بىناسى ئالدىدا توپلانغانلارغا خىتاب قىلدى. ئۇ: «بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، ئاڭلىسۇن؛ بىز قېرىنداش، بىر بەدەن، بىر مىللەتمىز» دېدى ۋە رېفېراندۇمغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن، خەلققە تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئالدىدا يېڭى سەھىپەنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ سەھىپىدىن خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن پايدىلىنىمىز» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن باشقا، بۇ دېموكراتىك تاللاشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەنلەرگىمۇ رەھمەت ئېيتتى. ئۇ بارلىق پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «دېموكراتىيە بىلەن قانۇن دۆلىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر