«تۈركىيەنىڭ  ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قەدىمى تېزلىشىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 16 – ئاپرېل ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش رېفېراندۇمىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجە چىققان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قەدىمىنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

712543
«تۈركىيەنىڭ  ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت قەدىمى تېزلىشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان خۇسۇسىي 3 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش رېفېراندۇمى توغرۇلۇق توختىلىپ، بۇ ھەقتە ھەر جەھەتتىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېڭى تۈزۈم ئارقىلىق پارلامېنت ئەزالىرى سانىنىڭ 550 تىن 600 گە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇ ئارقىلىق تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ قۇرۇلمىىسنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش سايلىمىدا سەلبىي نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، شۇڭا 16 – ئاپرېل سايلىمىنىڭ ياۋروپاغا بېرىلىدىغان كۈچلۈك سىگنال بولىدىغانلىقىنى، تەكلىپ خەلقنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى ھەمدە ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، 16 – ئاپرېل سايلىمىدىن كېيىنمۇ بۇ كۈرەشنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە مىقياسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەت توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، زۆرۈر تېپىلغاندا، جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بۇنىڭغا فىرانسىيەنىڭ ناھايتى ياخشى مىسال بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى زىندانغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، كەسكىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تېررورىزمغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن، رايون خەلقىگە تىنچ ياشاش شارائىتى يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رايوندا 20 ئايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان،  پ ك ك نىڭمۇ خۇددى ئىسپانىيەدىكى ETA غا  ئوخشاش قورال – ياراغلىرىنى كۆمۈشتىن باشقا چارىسى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، رايوننى جەزبىدارلىق ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر