مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: كەركۈك شەھىرىدە ئېسىلغان كۇرد بايرىقى بىر توزاقتۇر

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «مەسۇت بارزانى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل ئېتنىك توزاقلارغا چۈشمەسلىكى لازىم» دېدى.

712866
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: كەركۈك شەھىرىدە ئېسىلغان كۇرد بايرىقى بىر توزاقتۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەركۈك شەھىرىگە ئېسىلغان ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈىتى بايرىقىنىڭ بىر توزاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايات بېرىپ، «بۇنداق پۇرسەتۋازلىق توغرا ئەمەس. بۇ خىل قەدەملەر ئىراقنىڭ مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ» دېدى.

بايراق كىرىزىسى ئارقىلىق ئەربىل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە بىر توزاققا ئىتتىرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ بىر توزاقتۇر. ئەربىل ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش قەست قىلىنماقتا. بۇنىمۇ شۇ يەردىكى باشقا سىياىسي پارتىيەلەر ئارقىلىق قىلماقتا» دېدى. 

ئەربىل ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل توزاقلارغا چۈشمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ «بۇ جەھەتتە ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقىنى ئىلگىرى تۈركىيە تەكلىپ قىلدۇق. باش مىنىستىرىمىز كۆرۈشتى. دوستلىرىمىز كۆرۈشتى. مۇناسۋەتلىك ئورگانلىرىمىز كۆرۈشتى ۋە باش ئەلچىمىزمۇ رايونغا بارىدۇ. بۇ ۋەزىيەتنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز. ھازىر ئىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان پەيتتە، بۇنداق پۇرسەتۋازلىق توغرا بولمايدۇ» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتىيەلەرنىڭ بۇ خىل قەدەملەردىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى  ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «مەسۇت بارزانى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل ئېتنىك توزاقلارغا چۈشمەسلىكى لازىم» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر