سۇلايمان سويلۇ دىيارباكىردا يۈز بەرگەن پارتلاش ھەققىدە مەلۇمات بەردى
تۈنۈگۈن دىيارباكىرنىڭ باغلار رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
710872
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈنۈگۈن دىيارباكىرنىڭ باغلار رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانالىغا بەرگەن باياناتىدا: «پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەرنىڭ ئاستىدىن تونىل ئېچىپ پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن» دېدى.
تۈگۈنكى پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.