«15 – ئىيۇل تىرىلىش، 16 – ئاپرېل گۈللىنىش كۈنى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە «15 – ئىيۇل تىرىلىش، 16 – ئاپرېل گۈللىنىش كۈنى» ناملىق ۋىدېئونى ھەمبەھىرلەشتى.

710832
«15 – ئىيۇل تىرىلىش، 16 – ئاپرېل گۈللىنىش كۈنى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ۋىدېئودا مۇستەقىللىق مارشىنىڭ يازغۇچىسى ئاتاقلىق شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «بىرلىك» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇدى.

ۋىدېئو تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگى بولغان قىزىل رەختلەرنىڭ بىر ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ رەختلەر قولدىن قولغا ئۆتۈپ، كېسىپ تىكىلىدۇ ۋە قول چىراغلىرى ھازىرلىنىدۇ.

ھەممە يېشىكلەرگە قاچىلانغان چىراغلار ۋە رەختلەرنى بىر يەرگە يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، كېيىنچە ئەزان سادالىرى، ئارقىدىنلا ئەردوغاننىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.

ئەردوغان مەرھۇم شائىرنىڭ  «بىرلىك» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇيدۇ، كېلىۋاتقان ئامما كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ئاندىن ئۇلار قوللىرىدىكى چىراغلارنى رەختكە تۇتىدۇ.

ئاخىرىدا ئۇلار تۈركىيە بايرىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايراقنى لەرزان لەپىلدىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر