تۈرك ساقچىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 172-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن ئۇچۇرلار تارقىتىلدى.

710230
تۈرك ساقچىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 172-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان ئۇچۇرلار تۈركىيە ساقچىلىرىنى Twitter نىڭ كۈندىلىك ۋە قىزىق نۇقتىلار ئىچىدە دۇنيا بويىچە يەتتىنچى، تۈركىيەدە بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە قىلدى.

تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 172-يىللىقىدا خەلق ئامانلىق ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتنى قوغداش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلغان ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمىدى.

رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى ئۇقتۇرغان تەشكىلاتنىڭ ئۇچۇرلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا Twitter دا «ئەڭ قىزىق نۇقتىلار» قاتارىغا كىردى.

دۇنيا بويىچە يەتىنچى قاتارغا كىرىپ 6 سائەتتەك بۇ ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى، تۈركىيەدىمۇ بىر كۈندەك ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

سىياسەت ۋە سەنئەت دۇنياسىدىكى شەخسلەرمۇ يېقىندىن قوللاپ تارقاتقان «تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى 172 ياشتا» ۋە «ساقچى»دېگەن ئۇچۇرلار ئەڭ كۆپ تارقىتىلغان ئۇچۇرلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدىن Facebook بىلەن Instagram دىمۇ تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن ئۇچۇر تارقىتىلدى.

ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلققە تۈركىيە ساقچى تەشكىلاتى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدە ئۆزلىرىنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى، مەلۇمات  ۋە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك  ئۇچۇرلارنىڭ ئىزچىل  تارقىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر