دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بولىدىغان ئىستانبۇلدىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىمى پۈتتى.

710513
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكەن چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بولىدىغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەسى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇلدىكى يېڭى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ يېرىمى پۈتتى.

% 50 قىسمى تاماملانغان ئايرودۇرۇم ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش فىلىمى ئىشلەندى. «بۇ مۇۋەپپەقىيەت ھەممىمىزنىڭ» نامى ئاستىدا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان، كېيىنچە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ تارقىتىلىدىغان ئېلان فىلىمى مۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

«بىزنىڭ غايىلىرىمىزنىڭمۇ، كۆڭلىمىزنىڭمۇ ئىنتىھاسى يوقتۇر. ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايانكى، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. مانا مۇشۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بىزگە مەنسۇپ بولسۇن دەپ، كۈچلۈك ۋە بۈيۈك تۈركىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق، تىنىم تاپماپ ئىشلەش جەريانىدا ئالەمشۇمۇل قۇرۇلۇشنىڭ يېرىمىنى پۈتتۈردۇق.»

ئايرودۇرۇمنىڭ دەسلەپكى مۇلازىمىتىنىڭ 2018 – يىلى 28 – فېۋرال كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر