سۈرىيەلىك ئۇچقۇچى قولغا ئېلىندى

ھاتاينىڭ ئانتاكيا ناھىيەسىگە چۈشۈپ كەتكەن سۈرىيە ھەربىي ئايروپىلاندىن پاراشوت بىلەن سەكرەپ ھايات قالغان ئۇچقۇچى دوختۇرخانىدىكى داۋالىنىشتىن كېيىن، قولغا ئېلىندى.

707909
سۈرىيەلىك ئۇچقۇچى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2017-يىلى 4-مارت ئانتاكيا ناھىيەسى يايلاجىك مەھەللىسىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەن سۈرىيە ھەربىي ئايروپىلانىدىن پاراشوت بىلەن سەكرەپ يارىلانغان 56 ياشلىق ئۇچقۇچىنىڭ دوختۇرخانىدىكى داۋالىنىشى ئاخىرلاشتى. سۈرىيەلىك ئۇچقۇچى ئەدلىيە ئىدارىسىغا ئەۋەتىلدى ۋە ئىپادە بېرىلگەندىن كېيىن، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چېگرا بىخەتەرلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش»، «جاسۇسلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر