ئەردوغان: كەركۈك بىر تۈركمەن شەھىرىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ، رۇسىيەنىڭمۇ پ ك ك / پ ي د بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

705851
ئەردوغان: كەركۈك بىر تۈركمەن شەھىرىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەگەر پ ي د / ي پ گ بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشنى قىلىش پىلانىڭلار بولسا، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ سەپتىن ئورۇن ئالمايمىز» دېگەن ئەردوغان، «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ، رۇسىيەنىڭمۇ بۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماسلىقىنى خالايمىز. دائېشنى بۇ يەر (سۈرىيە ) لەردىن چىقىرىشقا پ ي د نى يېنىمىزغا ئالماي تۇرۇپ بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەدە يېڭى بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىپ، «فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تۈگىدى، داۋامى بار. ئۇ يەردە ھەشدۇششەئبى ئىسىملىك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ بار. سىنجارنىڭ ئىككىنچى قاندىل بولۇش ئېھتىمالى بار. بەزى كۈچلەر پ ي د نى زورلاپ كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مۇنبىچتە قايغۇمىز بايراق لەپىلدىتىش ئەمەس. راققە ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن مۇنبىچتىكى ئىش تۈگىشى كېرەك» دېدى.

ئەردوغان راققەگە ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ بىر قارارنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى بايراق كىرىزىسى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، «كەركۈكنىڭ بىر تۈركمەن شەھىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. كوردلارنىڭ ئۇ يەردە قىلىۋاتقىنى بىر ئىشغال ھەرىكىتىدۇر. شىمالىي ئىراق دائىرىلىرىگە خاتا قىلىۋاتسىلەر، دەپ چاقىرىق قىلدىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر