يىلدىرىم مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ رۇسىيەنىڭ سايىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن، باش مىنىستىر مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

705119
يىلدىرىم مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سايىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن ۋە 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 45 ئادەم يارىلانغان بومبا ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى يارىلانغان تۈركىيە پۇقراسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت پۇتىن سايىنىت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە مېترو بېكىتىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشۈۋاتاتتى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاگونغا قويۇلغان بومبا مېترو تونېلدىن ئۆتۈۋاتقاندا پارتلىغان، يۈزلەرچە ئادەم مېترو بېكىتىدىن تېزلىكتە ئايرىلغان، ۋاگوندىكى يولۇچىلارغا بېكەتتە مېترو ساقلاپ تۇرغانلار ياردەم قىلغان.

رۇسىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئالېكساندىر كۇرېننوي، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بېرىپ ئارىدىن ئىككى سائەتكە بارماي، ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى يەنە بىر مېترو ئىستانسىسىدا بومبا بايقالدى ۋە بىخەتەر ھالدا بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقى گۇماندارنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر