ئەردوغان پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ست.پتېرسبۇرگ مېترو بېكىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

705506
ئەردوغان پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا، «بۇ خائىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى؛ يىللاردىن بۇيان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ سىلەرنىڭ ئازابلىرىڭلارنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچىمەن. بۇ قورقۇنچلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز. جانابلىرى ئارقىلىق ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن يورۇقلىرى بىلەن دوست رۇسىيە خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي تەزىيەلىرىمنى بىلدۈرىمەن، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر