«تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كۈرىشى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈرەش ھېسابلىنىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈرەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

705652
«تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كۈرىشى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈرەش ھېسابلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ترابزوندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەزىز ۋەتەنگە كۆز قىرىنى سالغۇچىلار، ئالدى بىلەن بىز تۆلىگەن بەدەلدىنمۇ ئېغىرراق بەدەل تۆلەشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى لازىم.»

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەزىز خەلقىم، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭلاركى، شېھىتلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ زايە كەتمەيدۇ. تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كۈرىشى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. باشقىلار تۈركىيەنى گورغا كۆمۈۋەتمەكچى بولغانىدى، ئەمما ئەزىز خەلقىمىز كېپەنلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەتىنىمىزنى قوغداش يولىدا مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، تۈركىيەنى مىڭ يىللىق جۇغراپيەسىدىن، مىڭ يىللىق قېرىنداشلىرىدىن ۋە قانداشلىرىدىن ئادا – جۇدا قىلىپ، يېتىم قالدۇرۇپ، ئاجىزلىق قەپىسىگە سولاپ قويۇش پىلانى تۈزۈۋاتقانلار نېمە قىلىشىنى بىلەلماي گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر