تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى يولدا

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ تۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

705025
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى يولدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ترابزوندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەدە ئەلبابنىڭ تېررورىستلاردىن تازىلىنىشى مەقسىتىدە باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ داۋامىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى بىز باشقا رايونلاردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيمىز.»

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كۈتۈلمىگەن زەربىلەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلغان ئەردوغان، «ئالدىمىزدىكى ئايلار تۈركىيەنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ باھار پەسلى، تېررورىستلارنىڭ بولسا قارا قىش پەسلى بولىدۇ» دېدى.

«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئۇدا 7 ئاي داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا 2 مىڭ 15 كىلومېتىرلىق ساھە تېررورىستلاردىن تازىلاندى. پەقەت دائېشچىلارلا ئەمەس، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د لىق تېررورىستلارمۇ يوقىتىلدى.  پ ي د نىڭ رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تېررور كارىدورى تەشكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر