«16 – ئاپرېل كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلىدۇ»

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 16 – ئاپرېل رېفېراندۇمىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

705648
«16 – ئاپرېل كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق رېفېراندۇمدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل قانلىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىنتىقامى ئېلىنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەگە خىرىس قىلغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، خەلقنى ئاۋاز بەرگەندە، «بىر مىللەت»، «بىر بايراق»، «بىر ۋەتەن» ۋە «بىر دۆلەت» ئېڭىنى چىقىش نۇقتا قىلىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر