ئاقار باشچىلىقىدىكى ھەربىي قوماندانلار دىيارباكىردا...

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمرالىقىدىكى قوماندانلار ھەر خىل مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن دىيارباكىرغا يېتىپ باردى.

704572
ئاقار باشچىلىقىدىكى ھەربىي قوماندانلار دىيارباكىردا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمرالىقىدىكى قوماندانلار ھەر خىل مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن دىيارباكىرغا بېرىپ، دىيارباكىر ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاقسوي ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.

يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمرالىقىدىكى قوماندانلار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە رايوندىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر