«ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

701694
«ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بەشتەپە سارىيى مىللىي مەدەنىيەت ۋە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستىقبالى پارلاق قۇدرەتلىك تۈركىيە ئۈچۈن رېفېراندۇمنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، جۈملىدىن تېررورىزم تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىنىدۇ، ئاخىرىدا تۈركىيە تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. نۆۋەتتە تېررورىزمغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتىمىز، تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز تەندۈرەك تېغىدا، جۇدى تېغىدا، گابار تېغىدا، بەسلەر دەرەلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىۋاتىدۇ. قوراللىق قىسىملىرىمىز، ساقچىلىرىمىز، مۇھاپىزەتچىلىرىمىز ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلماقتا. پەقەت تۈركىيە مىقياسىدىلا ئەمەس، سۈرىيەدىمۇ جەرابلۇيس، رەي، دابىق، باب قاتارلىق رايونلاردا دائېشنى، پ ي د نى تازىلاش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. تۈركىيەدە ھۇزۇرىمىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر