28-مارت تېررورلۇق تەشكىلاتى نۇقتىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان

تۈركىيە ئارميەسى ھاككارى، دىيارباكىر ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى ۋە پاناھلىنىش جايلىرى قاتارلىق 19 نۇقتىنى ۋەيران قىلدى.

701673
28-مارت تېررورلۇق تەشكىلاتى نۇقتىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئشتابى ھاككارى، دىيارباكىر ۋە شىمالىي ئىراقتىكى زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 28-مارت ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا رايونى ئەتراپى بىلەن شىمالىي ئىراقتىكى زاپ رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىق نۇقتىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغان. ئوخشاش ۋاقىتتا، ھاككارى چۇكۇرجادىكى ئىكىياكالار رايونىدىمۇ ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋا ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، دىيارباكىرنىڭ ھانى-لىجە ئەتراپىدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلغان.

ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئايروپىلانلار بىخەتەر ھالدا بازىسىغا قايتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر