تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ھاققارىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك  مەنسۇپلىرىغا ئائىت 16 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى، 9 تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى.

699039
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مېتىنا، زاپ، ئاۋاشىن – باسيان، قەندىل ۋە ھاقۇرق رايونلىرى ھەمدە ھاققارىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇنجەلىنىڭ نازىمىيە  رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 4 يەر ئاستى پاناھلىنىش ئورنىدا بومبا ياساشتا ئىشلىتىلگەن 2 توننا ئاممونىي نىترات ۋە كۆپ ساندا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

تۇنجەلى مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە كۆپلىگەن قورال – ياراغ، 550 كىلوگرام ئاممونىي نىترات، 500 گرام C4 پارتلاتقۇچ، 1 مىنا، 1 قول بومبىسى ۋە كۆپ ساندا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

پۈلۈمۈردە بولسا 250 كىلوگرام ئاممونىي نىترات، 4 پارتلاتقۇچ ۋە كۆپ ساندا تەشۋىقات ماتېرىياللىرى قولغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر