«15 – ئىيۇل زەپىرى دۇنيا تارىخىدىكى پىداكار خەلقنىڭ مىسلىسىز ئىنقىلابى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ غەبىلىسى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىسىقى ئەمىنە ئەردوغان 15 – ئىيۇل غەلىبىسىنىڭ دۇنيا تارىخىدا ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان پىداكار خەلقنىڭ مىسلىسىز ئىنقىلابى ۋە گۇماشتا كۈچلەرگە قارشى خەلق ئىرادىسىنىڭ ئالەمشۇمۇل زەپىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

699099
«15 – ئىيۇل زەپىرى دۇنيا تارىخىدىكى پىداكار خەلقنىڭ مىسلىسىز ئىنقىلابى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ غەبىلىسى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان 15 – ئىيۇل جەمئىيىتىنىڭ جام پىرامىتتە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرىلىقى بىلەن ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا ئاستىدا ئۆتكۈزگەن «15 – ئىيۇل شېھىت ئائىلىلىرى ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە شېھىت ئائىلىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى .

بۇ يەردە سۆز قىلغان ئەمىنە ئەردوغان مىللىي كۈرەش، چاناققەلئە شېھىتلىرىغا ئوخشاشلا 15 – ئىيۇل شېھىتلىرىنىڭمۇ ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى ھەمىشە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە 15 – ئىيۇل ۋەقەسىدە پىداكار خەلقنىڭ سىياسىي ئىرادىگە مۇھىم بىر ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىز شۇ كېچىسى سىياسىي ئىرادىگە مۇھىم بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، بېقىندىچىلىقنى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىردى. 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇممۇ ئاشۇ ۋەزىپىنىڭ تەقەززاسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر