11 كۆچمەن دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ داۋاۇتلار دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە ئاراللىرىغا قانۇنسىز يوللار بىلەن بارماقچى بولغان كۆچمەنلەر ئولتۇرغان يەل قولۋاقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
698687
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ كۇشاداسى ناھىيەسىگە قاراشلىق داۋۇتلار دېڭىز تەۋەلىكىدە، قانۇنغا خىلاپ ھالدا گىرېتسىيە ئاراللىرىغا بارماقچى بولغان كۆچمەنلەر ئولتۇرغان يەل قولۋاق سۇغا چۆكۈپ كەتتى. ۋەقەدە، 11 كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۈچ كۆچمەن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى ھازىرغىچە سەككىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.