ئەنقەرە تۈركىيەنىڭ ۋىيانا باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ تۈركىيەنىڭ ۋىيانا باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «بەزى ياۋروپا ئەللىرىدە ئىرقچىلىق سىياسەتتە ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلىنىپ قالدى» دېدى.

697642
ئەنقەرە تۈركىيەنىڭ ۋىيانا باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوزداغ يوزگاتتا مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ۋىيانا باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئاۋىستىرىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرىدە ناھايتى خەۋپلىك ئايرىمچىلىق، ئىرقچىلىق، چەت ئەل دۈشمەنلىكى، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە تۈركىيە دۈشمەنلىكىنىڭ خۇددى ۋابا كېسىلىدەك يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «باش ئەلچىخانىمىزغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇم تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات جەھەتتىن جىددىي بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ھۇجۇم ئاۋىستىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى مەسئۇلىيەتسىزلارچە نىشان قىلىۋاتقان قۇتراتقۇلۇق قىلىش خاراكتېرلىك باياناتلىرىنىڭ ئېغىر ئاقىۋېتىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر