«نورمال يولۇچىلارنى جازالاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا مۇنداق قىلىش كېرەك...»
تۈركىيە ئىستانبۇلنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بەزى دۆلەتلەرگە قويغان چەكلىمە دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ ئورنىغا بىرلىكتە ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نورمال يولۇچىلارنى جازالاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالغىنىمىزدا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر ئايرودۇرۇملاردىن بىرى بولغان ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى ۋە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ چەكلىمە دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ئۈچۈن ھەم ئامېرىكا ھەم ئەنگلىيە دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى مىڭدىن ئاشتى
قاھرامانماراشنىڭ پازارچىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە 1541 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

قاھرامانماراشتا يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى
قاھرامانماراش ۋىلايتىنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدە يەنە 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.