گوللاندىيە ساقچىلىرى ئىتقا تالاتقۇزغان تۈرك تۈركىيەدە

گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئىتلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھۈسەيىن قۇرت تۈركىيەدە.

697864
گوللاندىيە ساقچىلىرى ئىتقا تالاتقۇزغان تۈرك تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گوللاندىيە ساقچىلىرى روتتېردام شەھىرىدە ۋەھشىيلەرچە ئىتقا تالاتقۇزغان تۈركىيە پۇقراسى ھۈسەيىن قۇرتنىڭ تېخىمۇ ياخشى شارائىتتا داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قۇرتنى داۋالاشقا باشلىغانلىقىنى، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەنىڭ داۋاملىق تۈركىيە پۇقرالىرىغا ساھىب چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

11 – مارت كۈنى گوللاندىيەدە تۈركىيەنىڭ روتتېردام باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانى قوللاش ئۈچۈن يىغىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا قۇرتمۇ بار بولۇپ، گوللاندىيە ساقچىلىرى ئۇنى قاتتىق ئۇرغان ۋە ۋەھشىيلەرچە ئاپشاركىغا تالاتقۇزغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر