چۇقۇرجادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ھاككارىنىڭ چۇقۇرجا ناھىيەسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلارنىڭ گراناتاميوتلۇق ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
697405
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۇقۇرجانىڭ گەركى تۆپىلىكىدىكى ھەربىي رايون تەۋەلىكىگە ھاۋانىڭ ئىس – تۈتەكلىك بولۇشىدىن پايدىلىنىپ سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار، ئۆزلىرىنى بايقاپ قالغان ئەسكەرلەرگە گراناتاميوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى.
خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا.